« بار! ھەممىسى بۇ يەردە.»

 شىنجاڭ سەمىمىلەر مەبلەغ سىلىش چەكلىك شىركىتى 2016-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى. شىركىتىمىزنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان ئومومى مەبلىغى 50000000 (ئەللىك مىلىيۇن)يۈەن، ئەنگە ئالدۇرغان سودا تۈرلىرى 50 خىلدىن ئاشىدۇ.

شىركىتىمىز تەجرىبىلىك، ھەرساھە كەسىپ ئەھلى ۋە پىشقەدەم كارخانىچىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان، سەرخىل ئىقتىساسلىقلارنىڭ جەمگاھى.

شىركەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئىشەنچىلىك تۈرلەرگە مەبلەغ سىلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش.

شىركىتىمىزنىڭ ئەمەلى مەبلەغ سالغان تۈرلىرىدىن ئىنتىرنىت ساھاسىدە 99TOBO تور سۇپىسى، ساياھەت ساھاسىدە قەشقەر جوڭگۇ ساياھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، پاكىستان جەنۇبىي ئاسىيا ساياھەت شىركىتى، مەنزىل ساياھەت شىركىتى، قەشقەر جوڭگۇ ساياھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈرۈمچى تارماق شىركىتى.

تاشقى سودا ساھاسىدە قەشقەر جوڭگۇ ساياھەتچىلىك چىگرا سودا شىركىتى، قەشقەر ئىناق ئىمپورت- ئىكىسپورت چەكلىك شىركىتى، ئابىت خەلقئارلىق سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ قۇتيۇل ئىلىكتىرۇن پەن تىخنىكا شىركىتى قاتارلىقلار. ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىدىن دەۋا زەيتۇن يىغى، شىفا گۈل سۈيى، شىفا، دەۋا چايلىرى، ئىكىسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن 5 خىل مىتال، قۇرۇق ھۆل يىمىش قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالدى.

شىركىتىمىز يۇقۇرىدىكى تۈرلەرگە ھەمكارلاشقۇچىلارنى داۋاملىق قارشى ئالىدۇ!!!